ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئاغىزى ئىتتىك، كۆڭلى تۈز؛ قىلچە يامان نىيىتى يوق؛ ئاق كۆڭۈل.
ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئەتمەسلىك؛ ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىماسلىق.
ئاق بىلەن قارىنى ئېنىق ئايرىماسلىق؛ ئاق-قارىنى ئېنىق پەرقلەندۈرمەسلىك؛ ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرمەسلىك.
ئاق بىلەن قارىنى ئېنىق ئايرىماق؛ پەرقلەندۈرمەك؛ ئېنىق؛ روشەن؛ ئايدىڭ.
ئاقساق ئەسكەر، چولاق سەركەردە؛ يىڭىلگەن قوشۇن.
ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەك؛ ئاقنى قارا ، قارىنى ئاق دېمەك.
ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەسلىك؛ ئاق-قارىنى ئايرىماسلىق.
ئاق قاشنىڭمۇ دېغى بار؛ كىچىككىنە نوقسىنى بار.
ئاق كۆڭۈل ئادەم يۇشۇرۇن ئىش قىلمايدۇ.
ئاق كۈڭۈل؛ تۈز كۈڭۈل؛ ئوچۇق خاراكتېر.
ئاقنى ئاقچە، كۆكنى كۆكچە ئايرىماق؛ ئىشنى ئەستايىدىل ئىشلىمەك.
ئاقىل پىتنە-پاساتقا ئىشەنمەس؛ ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك.
ئاقىلمۇ بىرەر يەردە كەتكۈزۈپ قويىدۇ؛ ئاقىلمۇ سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمايدۇ؛ نۇرغۇن مۇلاھىزىلەردىن بىرەر يېرى كېتىپمۇ قالىدۇ.
ئاقىلنىڭ قەدرىگە ئاقىل يىتەر؛ ئەقىللىق ئەقىللىقنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ.
ئاقىنى قارا، قارىنى ئاق دېمەك؛ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈپ قىلىۋەتمەك؛ ئاق-قارىنى ئالماشتۇرىۋەتمەك.
ئاكاڭ قارىغاي جاھاندا بىر؛ ئۆزىنى قالتىس ھېسابلىماق؛ ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلماسلىق.
ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ.