ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئالەمدە بىر؛ تەڭدىشى يوق.
ئالەمدە بىر؛ دۇنياد بىر؛ تەڭداشسىز.
ئالەمدە كۆرۈلمىگەن ۋەھشىيلىك؛ ئىنتايىن دەھشەتلىك؛ مىسلىسىز پاجىئە.
ئالەمدىكى قاغىنىڭ ھەممىسى قارا.
ئالەمدىكى قۇشلارمۇ يورۇققا قاراپ ئۇچار
ئالەمگە داڭقى كەتمەك؛ قەدىمكىلەرنى بېسىپ چۈشۈپ، بۈگۈنكىلەرنى ھەيران قالدۇرماق.
ئالەمنىڭ ئۇچېتى؛ تولىمۇ يىراق جاي.
ئالەمنىڭ ئۇ چېتى ۋە بۇ چېتى؛ بىر باغدا، بىرى تاغدا. ھەريەر-ھەريەر؛ دۇنيانىڭ ھەممە يېرى.
ئالتۇن ئاچقۇچلا بولىدىكەن، قۇلۇپنى ئېچىشىتىن غەم قىلما.
(ئالتۇن باڭغا ئىسمى چىقماق (كېچۈ دەۋرىدە.
ئالتۇن پوقنىڭ ئىچىدىمۇ پارقىرايدۇ.
ئالتۇن تاۋاققا ئېرىشىپ، ساپال تاۋاقنى ئۇنتۇپتۇ
ئالتۇن تاۋاقنىڭ سۇنۇقىمۇ پۇل.
ئالتۇن ساپ بولماس، ئادەم نۇقسانسىز (بولماس).
ئالتۇن ساپ بولماس، ئادم نۇقسانسىز (بولماس).
ئالتۇن ساپ بولماس، نۇقسانسىز ئادەم (بولماس).
ئالتۇننى توپىدەك چاچماق؛ پۇلنى پاخالدەك بۇزۇپ چاچماق.
ئالتۇننى كۆرسە پەرىشتىمۇ يولدىن ئازار.
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلۇر.
ئالتۇن ھەرقانداق يەردە پارقىرايدۇ.