ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئالتۇن ئوتتا بىلىنەر، ئادەم ئەمگەكتە.
ئالتۇن ئۈزۈككە ئالماس كۆز؛ زەر ئۈزۈككە ياقۇت كۆز.
ئالتۇن ياتىدۇ سايدا، كۆرمىسە نېمە پايدا.
ئالتۇن يولۇقسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق.
ئالتۈندە گەپ؛ قىممەتلىك سۆز؛ بىباھا مەسلىھەت؛ پايدىلىق نەسىھەت،
ئالچاڭلاپ كەتمەك؛ كۆرەڭلەپ كەتمەك.
ئالدراڭغۇلۇق ئادەم ئۆلتۈرەر.
ئالدىدا ماڭماق؛ باشلامچىلىق قىلماق؛ باشلامچى بولماق.
ئالدىدا ھى-ھى قىلىپ قويۇپ، ئارقىسىدا كۇس-كۇس قىلما!
ئالدىراش؛ ئالدىراشلىق بىلەن؛ ئالدىراش قىياپەتتە.
ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ ۋاقىت چىقارماق.
ئالدىراڭغۇلۇق ئادەم ئۆلتۈرەر.
ئالدىراڭغۇلۇق قىلماق؛ تولىمۇ ئالدىراپ كەتمەك.
ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ، قاراملىق بىلەن ئىلگىرىلىمەك؛ ئالدىراقسانىلق، قاراملىق قىلماق.
ئالدىرغاندا ئەقىل كەپتۇ؛ جىددىي پەيتتە ئەقىل تاپماق.
ئالدىرىغاندا ئەتكەن پولۇ ئالا بولۇر.
ئالدىرىغاندا تۇلپارمۇ ئاستا بىلىنىپتۇ.
ئالدىرىغاندا تۇلپارنىڭ چېپىشىمۇ ئاستا بىلىنىپتۇ.
ئالدىرىغاندا قارىغۇدىن يول سوراپتۇ.
ئالدىرىغاندا ئېشكى يېتىۋاپتۇ.