ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئاسمان ئۆرۈلۈپ، يەر يېرىلماق؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلمەك.
ئاسمان يىقىلىپ چۈشسە، تېگىدە يېتىپ مانتا يەپتۇ؛ خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرسىمۇ بىغەم يۈرمەك.
ئاش بولسا، ئىش بولمىسا دېمەك؛ بىكار تەلەت؛ راھەتكە يۈگۈرۈپ، جاپادىن قاچماق.
ئاشپەزنىڭ ماھارىتى چۆمۈچ-ساپلىق بىلەن، ساتىراشنىڭ ماھارىتى ئۇستۇرا-كاپىلغۇچ بىلەن.
ئاش-تاماق؛ يېمەك-ئىچمەك.
ئاش تېرىساڭ ئاش يەيسەن، چارۋا باقساڭ گۆش يەيسەن.
ئاشقان تاشقان تاماق.
ئاشكارا بالا-قازادىن، يۇشۇرۇن سۇيقەست يامان؛ ئاشكارا ھۇجۇمدىن پەخەس بولۇش ئاسان، يۇشۇرۇن ھۇجۇمدىن ساقلىنىش تەس.
ئاشكارا ئوقتىن ساقلىنىش ئاسان، يوشۇرۇن ئوقيادىن ساقلىنىش تەس.
ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئوق ئاتماق؛ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلماق.
ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن تەكشۇرمەك.
ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن نىزالاشماق؛ ئۆزئارا پۇت تېپىشمەك؛ بىر-بىرىنىڭ پېيىگە چۈشمەك.
ئاشلىق تېرىمىساڭ نان يوق، قوي باقمىساڭ گۆش (يوق).
ئاشلىق مەرۋايىت، ئوتۇن تۇتىيا بولۇپ كەتمەك؛ مال باھاسى ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كەتمەك.
ئاشيانە راۋاق؛ ئەۋلىيا-ئەنبىيالار ماكانى.
ئاغرىق پاتمانلاپ كىرىپ، مىسقاللاپ چىقىدۇ.
ئاغرىق-سىلاق؛ ئۆلۈم-يىتىم.
ئاغرىمىسىمۇ ئىڭرىماق؛ يالغاندىن ئاھ ئۇرماق؛ ياسالمىلىق قىلماق.
ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتمەك؛ جاۋۇلداپ كەتمەك.
ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختىماق؛ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختىماق.