ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يورۇمىغان چىراغنىڭ پىلىكىنى تارتقۇلۇق، گەپ ئاڭلىمىغاننىڭ قۇلىقىنى (تارتقۇلۇق).
يوشۇرغان كېسەلگە شىپا يوق.
يوشۇرۇن ئوق ئاتماق؛ يوشۇرۇن زىيانكەشلىك قىلماق.
يوغان قورساق؛ تىرىكتاپ؛ سامان قورساق.
يوغان قۇرساق؛ سامان قۇرساق؛بارداڭ قۇرساق.
يوقالغان ئات ئىككى بولۇپ كەپتۇ؛ يامان ئىش ياخشى ئىشقا ئايلانماق.
(يوقسۇ، بۇنىڭغا لايىق ئەمەسمەن؛ ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت (تەكەللۇپ سۆز.
يوقسۇل ئائىلىدىن ئىت-مۈشۈكمۇ قاچىدۇ.
يوقسۇللۇقتىن باش تىققۇدەك يېرىمۇ بولماسلىق.
يوقسىزلىق؛ نامراتلىق؛ كۆك نامرات.
.يوققا چىقماق
يوق نەرسە يوق؛ ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار؛ غەلىتە-غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرماق.
يوقىلاڭ؛ تۇتامغا چىمايدىغان.
يوقىلاڭ خىيالغا بېرىلمەك؛ بىھۇدە خىياللارغا بېرىلمەك؛ قۇرۇق خىياللارغا چۆممەك؛ ئەمەلگە ئايشمايدىغان خام خىيال.
يوقىلاڭ خىياللارغا بېرىلمەك؛ بەڭگە خىيال.
يوقىلاڭ گەپ؛ تۇتۇرۇقسىز گەپ.
يوقىلاڭ گەپ؛ تۇتۇرۇقسىز گەپ؛ يوقىلاڭ ئىش.
يوقىلاڭ گەپ-سۆزلەر؛ ئۇششاق-چۈششەك گەپ. پارچە-پۇرات پۈتۈكلەر.
يوقىلاڭ گەپ؛ غەلىتە ئەپسانىلەر.
يوقىلاڭ ئىش؛ قىياسىي ۋەقە؛ قىپقىزىل يالغان؛ غەرق يالغان؛ يالغان ئىش؛ ئويدۇرما.