ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يولسىزنىڭ يۈرىكى پوك-پوك؛ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايان.
يول قويماق؛ يول بەرمەك.
يول كۆرسىتىش ئۇستازدىن، يول مېڭىش شاگىرىتتىن.
يوللۇق سۆز تۆمۈرنى تېشەر.
يوللۇق سۆزلەپ قايىل قىلماق؛ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ تالاش-تارتىش قىلماق.
يوللۇقلار نۇسرەت تاپىدۇ، يولسىزلار لەنەتكە قالىدۇ؛ ھەققانىيەتچىلەر ئەلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، نائەھلىلەر مەدەتسىزقالىدۇ.
يوللۇق ياتنى مەدەتلە، يولسىز توغقاننى ئەدەپلە.
يولنىڭ ئاخىرى بولماس، بىلىمنىڭ چېكى بولماس.
يولۋاس ئاغزىدىن گۆشنى تارتىۋالغىلى بولماس.
يولۋاس بالىسىنى تۇتىمەن دېسەك، يولۋاس ئۇۋىسىغا كىر.
يولۋاس بالىسىنى تۇتىمەن دېسەڭ، يولۋاس ئۇۋىسىغا كىر.
يولۋاس بېقىپ بالاغا قالماق؛ رەھىم قىلساڭ يامانغا، بالا كېلەر بېشىڭغا.
يولۋاس تاغدا يېتىلۇر، قەھرىمان يېغىلىقتا.
يولۋاس تاغنىڭ ئېگىزلىكىدىن قورقماس، بېلىق سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن (قورقىماس).
يولۋاستەك؛ جانلىق-تېتىك؛ جۇشقۇن شوخ ۋە تېتىك.
يولۋاستەك قاۋۇل؛ پالۋان.
يولۋاستەك ھەيۋە بىلەن ماڭماق؛ كۆكرەك كېرىپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ماڭماق.
يولۋاستىن تېرىسىنى بېرىشنى سورىماق؛ ئۆلۈكتىن ئىمان سورىماق.
يولۋاسقا قانات قوشماق؛ قاراقچىغا قىلىچ تۇتقۇزماق؛ يامانغا يانتاياق بولماق؛
يولۋاسقا مىنىۋېلىپ چۈشەلمەي قالماي؛ ئىشنى باشلاپ قويۇپ يىغىشتۇرۈۋالالماسلىق.