ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يەتتە قېتىم تۇتۇپ، يەتتە قېتىم قويۇپ بەرمەك (ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بىر خىل تاكتىكا).
يەر بىلەن يەكسان بولماق؛ گۇمران بولماق؛ قاتتىق مەغلۇپ بولماق.
يەر بىلەن يەكسان قىلماق؛ يەر بىلەن يەكسان بولماق؛ ئەبجىقى چىقماق؛ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتمەك.
يەر تېرىساڭ يەرنى چۈشەن، ئادەم ئىشلەتسەڭ ئىچ سىرىنى.
يەر-جاھان تەۋرەپ كەتمەك؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلمەك.
يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلمەك.
يەر-جاھان قاراڭغۇلاشماق. قاراڭغۇ؛ زۇلمەت.
يەر-جاھان لەرزىگە كەلمەك؛ پۈتۈن ئاسمان-زېمىن تىترەپ كەتمەك؛ يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەك.
يەر-جاھاننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتمەك؛ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتمەك؛ ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەك.
يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەك.
يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەك؛ ئالەمنى لەرزىگە كەلتۈرمەك؛ دۇنيانى ھەيران قالدۇرماق.
يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەك. ئالەمنى مالەم قىلماق.
يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان قۇدرەت.
يەر-جاھاننى قاپلاپ كەتمەك؛ شىددەتلىك.
يەر جاھاننى قارا بوران قاپلىماق؛ جاھاننى زۇلمەتچىلىك باسماق؛ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشماق.
يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پەيدا بولۇپ، بىر دىنلا غايىپ بولماق؛ گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىپ بولماق.
يەر-سۈيى يات؛ يېڭى يەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشماسلىق؛ ئەل-يۇرت ناتونۇش.
يەر شارائىتى ۋە خەلق ئەھۋالى.