ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يامغان قىلساڭ ياخشىلىق، تاپالمايسەن ئامانلىق.
يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلماق؛ بۇلۇت تارقاپ، كۈن ئېچىلماق؛ قاراڭغۇلۇق كېتىپ يورۇقلۇق كەلمەك؛ ئەھۋال ئوڭشالماق.
يامغۇردىن كېيىن ئۆسكەن بامبۇك نوتىلىرىدەك؛ ناھايتى كۆپ ۋە تېزلىك بىلەن.
يامغۇر ياغمىسا دەريا تاشماس .
يانتاقتىن قورققان ئوتۇنچى ئەمەس.
ياندۇرۇپ چىشلىۋالماق؛ ئۆزىگە دۆڭگەپ قويماق.
ياندىكى كاسىپنىڭ قەدىرى يوق.
ياندىكى موللا جا موللا، يىرقتىكى موللار دا موللا.
يانىڭ كىرىچىنى تارتىپ تۇرۇش، قويۇۋەتمەسلىك؛ تەييارلىق كۆرۈپ قويۇپ پەيت كۈتۈپ تۇرماق.
يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم.
يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم جېڭى؛ ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش.
يا ئۆلۈم-يا كۆرۈم؛ ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك.
ياۋاشنى بۈزەك قىلىپ، ياماندىن قورقماق؛ ئاجىزنى ئانىي تېپىپ، زالىمدىن قورقماق.
ياۋاشنىڭ ئاچچىقى تۇتسا، جاھاننى بېشىغا كىيىپتۇ!
ياۋۇز-رەزىل ئادەملەر؛ ئادەمگە ئوخشىمايدىغان نېمىلەر؛ ئادەم قېلىپىدىن چىققانلار.
ياۋۇزلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلماق؛ كۈچلۈك دۈشمەننى يەڭمەك؛ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يەڭمەك.
ياۋۇزلۇقى ئاشكارلانماق؛ ياۋۇز ئەپت-بەشىرىسى ئاشكارىلانماق.
يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالماق؛ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق؛ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالماق.
يەپتى ئۆتكەندە زورلاپ تېرىغىلى بولماس.
يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسى؛ ئالتە تاغنىڭ نېرىسى.