ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يالغاننى راست قىلىپ كۆرسەتمەك
يالغان ئىش ئېغىزدىن-ئېغىزغا كەڭ تارقالسا، راستقا ئايلىنار.
يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.
يالغۇز ئالىقاندىن چاۋاك چىقماس.
يالغۇز ئەمەس؛ يېگانە ئەمەس؛ جورىسى بار.
يالغۇز بۇلا ئەمەس؛ بۇلا ئەمەس.
يالغۇز؛ تەنھا؛ يەككە-يىگانە.
يالغۇز چاۋاكنىڭ ئۈنى چىماس.
يالغۇز دەرەخ ئورمان بولالماس.
يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس؛ يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس.
يالغۇز يولۋاس بۆرە توپىغا تەڭ كېلەلمەس.
يامام ئىش ۋە يامان ئادەتلەرنى يوقاتماق.
يامان ئادەمنىڭ قولىدىن ياخشىلىق كەلمەس.
يامان بىلەن يۈرسەڭ قالىسەن ئۇياتقا.
ياماندىن جىنمۇ قورقىدۇ.
يامان سۆز بىلەن دىل ئازارى قىلماق؛ زەھەرلىك سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمەك.
يامانغا لەنەت ئوقۇپ ، ياخشىنى مەدھىيىلىمەك؛ يامانغا زەربە بېرىپ ، ياخشىغا مەدەت بەرمەك.
يامانغا يانتاياق بولماق دۈشمەنگە قولچوماق بولماق؛ يامانغا يان باسماق.
يامانغا يانتاياق بولماق؛ زالىمغا بولۇشۇپ زالىملىق قىلماق.
يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى.