ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ياخشىلارغا ھەسەت قىلماق؛ خەقنى كۆرەلمەسلىك؛ ئۆزى بولالماسلىق، بولغاننى كۆرەلمەسلىك.
ياخشىلىق بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامانلىق يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
ياخشىلىق پۈتمەيدۇ ئۆمرىدە، يامانلىق پۈتىدۇ بىردەمدە
ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىشىنىڭ ئىشىدۇر، يامانلىققا ياخشىلق ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر.
ياخشىلىق مىڭ يىللىق، يامانلىق بىردەملىك.
ياخشى مالنىڭ خېرىدارى كۆپ.
ياخشى مۈشۈك قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگىمۇ ھېزى بولۇر.
ياخشى نەسىھەتكە كۆنمەك؛ توغرا پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلماق.
ياخشى نەسىھەتنى بەجنىدىل قۇبۇل قىلماق.
ياخشىنى تەرىپلەپ، ياماننى ئەيىپلىمەك؛ ياخشىنى تەقدىرلەپ، يامانغا نەپرەت ياغدۇرماق.
ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
ياخشىنىڭ ياخشىلىقىنى چىقار، كۆككە يەتسۇن، ياماننىڭ يامانلىقىنى چىقار، توزۇپ كەتسۇن.
ياخشى نىيەت.
ياخشى نىيەت بىلەن ياردەم بەرمەك.
ياخشى ئۇستاز ۋە ئوبدان دوسىت.
ياخشى ئېشەك چىچاڭلىماس، ياخشى مۈشۈك مىياڭلىماس.
ياخشى ئېيتىپ، يامان ئېيتىپ؛ ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن.
ياخشى ئىت ئادەمنى توسمايدۇ.
ياخشى ئىشقا كاشىلا كۆپ.
ياخشى-يامان ئارىلىشىپ كەتمەك؛ ئاق-قارا ئارىلىشىپ كەتمەك.