ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ياخىشى كۈننىڭ يامىنى بار، يامان كۈننىڭ ياخشىسى.
يادا ئوق تارتىقلىق؛ مىلتىق بەتلىمەك
يارا ساقىيىپلا ئاغرىقنى ئۇنتۇپتۇ.
ياراغلىرى قۇمغا پېتىپ، تېنى چۆلدە قالماق؛ قاتتىق مەغلۇپ بولماق.
يارام ساقايسۇن دېسەڭ، تىغ تېگىشتىن قورقما.
ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقسىكەن دېمەك؛ يارامسىزلىقىغا ئۆچ.
ياردەم بېرەي دېسىمۇ، قولىدىن كەلمەسلىك .
ياردەم قولىنى سوزماق؛ قولىدىن كېلىشچە ياردەم قىلماق.
يارقىن ۋە گۈزەل؛ شانلىق ۋە تەنتەنىلىك.
يارنىڭ لېۋىدىن ئاتنىڭ تىز گىنىنى تارتماق؛ يامان يولدىن قايتماق؛ خەتەردىن ئۆزىنى تارتماق؛ ھوشىنى تاپماق؛ خەتەرلىك ئىشتىن قول ئۈزمەك.
يارىتىش ئاللاھدىن، يارىنىش ئۆزۈڭدىن؛ يارىتىشنى ئاللاھ ياراتتى، يارىنىشنى ئۆزۈڭ ياران.
يارىشىپ قالماق؛ ئەپلىشىپ قالماق.
يارىماس ئەۋلاد؛ ئاتىسىنى تارتمىغان بالا.
يازدا جۇۋا، قىشتا يەلپۈگۈچ؛ يازدا پىما، قىشتا سەندەل.
يازدا ماي قوڭغۇزنىڭ، قىشتا قارنىڭ شولىسىدا كىتاب ئوقۇماق؛ نامراتلىققا باش ئەگمەي تىرىشىپ ئۆگەنمەك.
يازدا ئۇخلىغان قىشتا مۇزلايدۇ.
ياساشقا كېتىدۇ يۈز كۈن، بۇزۇشقا كېتىدۇ بىر كۈن.
ياسالمىلىق؛ سۈنئىيلىك ھال تارتماق.
ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ قويۇپ، دۇنيادىن بىغەم ئۇخلىماق.
ياسىنىپ-تارانماق؛ ياسىنىپ باشقا قىياپەتكە كىرىۋالماق؛ نىقابلىنىۋالماق.