ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ياش چوڭايماق؛ ئۆمۈر بىكار ئۆتۈپ كەتمەك.
ياش چېغىڭدا تىرىشمىساڭ، قېرىغاندا ئۆكۈنىسەن؛ ياشلىقىدا تىرىشمىغان قېرىغاندا ئۆكۈنەر.
ياش-قورامىغا قارىماي دوست بولغان قەدىناسلار؛ قەدىردان دوستلار؛ قەدىناس دوستلار.
ياش كۆز چانىقىدىن ئېتىلىپ چىقماق.
ياشلارنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
ياش ۋە غەيرەتلىك؛ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان؛ ۋايىغا يەتكەن.
ياشىرىپ كەتمەك.
ياغاچ بولمىسا ئۆي سالغىلى بولماس.
ياغاچچىنىڭ يېشى ياخشى، تېۋىنىڭ قېرىسى
ياغاچ كېمە بولۇپ بولدى؛ بولار ئىش بولدى؛ بولغۇلۇق بولۇپ بولدى؛ ئەھۋال مۇقىملىشىپ بولماق.
ياغ بىلەن گۆش بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن.
ياغلىما گەپ؛ شىيلامچى؛ ياغلىمىچىلىق قىلماق؛ شىيلامچىلىق قىلماق.
ياقا يۇرت؛ چەت، نامرات جاي.
ياقتۇرماسلىق؛ پەرۋاقىلماسلىق؛ پىسەنت قىلماسلىق؛ ئېرەن قىلماسلىق.
يا گۆش ئەمەس، يا بەز؛ يارىماس؛ بۇلۇمسىز.
ياڭراق ئاۋاز؛ جاراڭلىق سادا؛ مەردانە ئاۋاز.
يالغان تەكرارلىنىۋەرسە، راست بولۇپ قالىدۇ.
يالغانچى يۈزلىشىشتىن قورقىدۇ.
يالغان راستقا ئايلىنىپ قالماق؛ يالغاننى راستقا ئايلاندۇرماق.
يالغان گەپنىڭ پۇتى قىسقا.