ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ياخشى ئاتقا بىر قامچا، يامان ئاتقا يۈز قامچا.
ياخشى ئاتقا بىر قامچە، يامان ئات مىڭ قامچا.
ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس، ئالىيجاناپ گېپىدىن يانماس.
ياخشى ئات كاتاڭدىن قورقماس.
ياخشى ئاتنىڭ يېتىلىشى مىنىشكە باغلىق، يۇقىرى تالانتىنىڭ يېتىلىشى مەشىققە باغلىق
ياخشى بار يەردە يامان بار، بۇغداي بار يەردە سامان بار.
ياخشى بىلەن يۈرسەڭ، يېتىسەن مۇرادقا
ياخشى پولاتنى پىچاقنىڭ بىسىغا ئىشلەت.
ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز جاننى قېرىتىدۇ.
ياخشىغا ئەگەشمەك؛ ياخشىنىڭ كەينىگە كىرمەك؛ ياخشىلاردىن ئۆگەنمەك.
ياخشىغا يىپەك يېپىشار، يامانغا تىكەن.
ياخشى قوشنا-جان قوشنا.
ياخشى قوشنا قىيىن كۈندە ئەسقېتىپتۇ.
ياخشى قۇيۇچتن ئىتتىك پىچاق سوققىلى بولىدۇ.
ياخشى كۈنلەردە تۇغقان ئەسكە كېلىدۇ.
ياخشى كۈننىڭ يامىنى؛ بىرەر خىيىم-خەتەر؛ بىرەر كۆڭۈلسىزلىك؛ بىرەر پالاكەت.
ياخشى گەپ-ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ.
ياخشىلار بىلەن يامانلار ئارىلىشىپ كەتمەك.
ياخشىلارغا خۇدا يار بولىدۇ. ياخشىلارنى خۇدا ساقلايدۇ.
ياخشىلارغا نەسىھەت قىلىپ، يامانلارنى جازالىماق؛ ياخشىلىقنى قوللاپ، يامانلىقنى تۈگەتمەك.