ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىنسى جىنغىمۇ تۇيدۇرماسلىق؛ سەزدۈرۈپ قويماسلىق؛ بىلدۈرۈپ قويماسلىق.
يا ئاق، يا كۆك دېمەسلىك؛ يا توغرا، يا خاتا دېمەسلىك.
يا بۇ، يا ئۇ؛ بۇ بولمىسا، ئۇ.
ياپتا گەپ؛ئەگىتمە سۆز؛ تۇتۇق؛ چۈشنىكسىز؛ مۈجمەل.
ياپقانسېرى ئېچىلىپ قالماق؛ يوشۇرىمەن دەپ تېخىمۇ ئاشكارىلاپ قويماق؛ كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا.
ياپيېشىل تاغ، سۈپسۈزۈك سۇلار؛ مەنزىرىسى گۈزەل.
يات ئەقىدە؛ بىدئەت تەلىمات؛ كۇپۇرلۇق.
ياتلارنى يەكلىمەك؛ ئۆزى بىلەن مەسلەكداش بولمىغانلارنى چەتكە قاقماق.
ياتلىق قىلىنغان قىز-چېچىۋەتكەن سۇ.
ياتنى ياتنىڭ قولى بىلەن يوقاتماق؛ بىر دۈشمەننى يەنى بىر دۈشمەننىڭ كۈچى بىلەن يوقاتماق؛ ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ يېغى بىلەن قورۇماق.
ياتنى يانغا يولاتماسلىق؛ دىتىغا ياقمىغانلارنى يوقاتماق.
يات ئېقىملار ناتوغرا يول؛ ناتوغرا ئۇسۇل.
يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە.
ياچىۋەك تومۇزغىنى تۇتماقچى بولسا، سېرىق قۇشقاچ ئۇنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ.
ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسماقچى بولغىنىدەك؛ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئۇرۇنماق؛ جېنىغا بېقىپ ئىش قىلماسلىق؛ ھالىغا باقماستىن ئىش قىلماق.
ياخش ئاتقا قامچا لازىم ئەمەس.
ياخش ئادەم مىڭ بولسىمۇ ئازلىق قىلۇر، ئەسكى ئادەم بىرلا بولسىمۇ كۆپلۈك قىلۇر.
ياخشى ئاتقا بىر قامچا؛ ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.