ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىش ئۆتۈپ، ئەھۋال ئۆزگەرمەك.
ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، تەدبىر كۆرمەك؛ تويدىن كېيىن ناغرا چالماق؛ ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن.
ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە
ئىش ۋاقىتىدا ئۇل سالساڭ ئەتىيازلىق تېىلغۇغا، بۇغداي، قۇناق گۇرۇچلار پاتماي قالار ئامبارغا.
ئىش ئېپى بىلەن، كەتمەن سېپى بىلەن.
ئىشىك تاقالدى-ئىش پۈتتى .
ئىشىك تۈۋىدىن يانماق؛ ئىشىككە ئۈسمەك.
ئىشىكنى تاقاپ بېكىتىۋالماق؛ سىرت بىلەن ئالاقە قىلماق.
ئىشىكنى تاقىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ خاتالىق-سەۋەنلىكلىرى ئۈستىدە ئويلانماق.
ئىشىك ئۈلگۈچىكى چىرىمايدۇ.
ئىشىكىگە قۇشقاچ ئۇۋىلاپتۇ؛ بوسۇغىسىنى توپا باسماق؛ ھويلا-ئارامنى سوغۇقچىلىق باسماق (يۇندىسىنى ئىت كۆرمەيدىغان كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنىدۇ)
ئىشىنىش قىيىن؛ كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان.
ئىشى ھەقنىڭ سۆزى نەق؛ ھەقلىق يوسۇندا؛ مەردانىلىك بىلەن.
ئىغاڭلاپ ماڭماق؛ بىمالال؛ ئەركىن. ئۆزىچە كۆرەڭلەپ كەتمەك؛ ئۆزىچە كېرىلىپ كەتمەك.
ئىغۋا تارقىتىپ ئازار بەرمەك؛ قارا چاپلىماق.
ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلىماق.
ئىقتىدارلارغا ئورۇن بەرمەك؛ ئىقتىدارلارغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەك.
ئىقتىدارلىق ئادەم جىگەرلىك بولۇر.
ئىقتىساد قىلىشنى قاتتىق يولغا قويماق؛ ئىقتىسادقا رىئايە قىلماق.