ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىشلىگەننىڭ ئاغزى ئاشقا تېگەر، ئىشلىمىگەننىڭ بېشى تاشقا.
ئىشلىمەي چىشلىمەك؛ تەييارغا ھەييار بولماق؛ تېرىماي ئورماق.
ئىشنى ئاز-ئازدىن ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىمەك. كۈچنى ئاز-ئازدىن ئۇزۇن ئىشلەتمەك .
ئىشنى باشلاپ قويۇپلا بولدى قىلماق.
ئىشنى چالا-بۇلا ئىشلەپ قۇيۇپلا بولدى قىلىپ تاشلاپ قويماق.
ئىشنى چىرايلىق باشلاپ، چىرايلىق تۈگەتمەك؛ ئىشنى ئوبدان باشلاپ، ئوبدان تۈگەتمەك.
ئىشنى كەينىگە سۆرىمە؛ بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
ئىشنى كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىمەك؛ ئىش ئوڭىدىن كەلمەك
ئىشنىڭ باش-ئايىغى؛ ئىشنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى.
ئىشنىڭ بېشىدىلا غەلىبە قىلماق؛ ھە دېگەندىلا ۋۇجۇدقا چىقماق.
ئىشنىڭ بېشى قىين.
ئىشنىڭ تولۇق ھۆددىسىدىن چىقماق؛ ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداشقا قادىر بولماق.
ئىشنىڭ جىددىيلىك ۋە مۇھىملىق دەرىجىسى؛ ئىشنىڭ مۇھىمى بىلەن مۇھىمسىزى، جىددىيسى بىلەن جىددىي ئەمىسى.
ئىشنىڭ مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسى؛ ئىشنىڭ مۇھىمى بىلەن مۇھىمسىزى، جىددىيسى بىلەن جىددىي ئەمىس.
ئىشنىڭ مۇۋەپپەققىيتى ئوي-پىكىردىن كېلەر؛ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقاي دېسەڭ باش قاتۇر.
ئىشنىڭ يولىنى تاپالماسلىق.
ئىشنى ئۇلغايتماق؛ يالغاننى قوشماق؛ قېتىپ-قوشۇپ ئاشۇرۇۋەتمەك.
ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ، ماتېرىيالنى تولۇق ئىشلەتمەسلىك؛ كوم-كومچىلىق قىلماق.
ئىش ئوڭىغا تارتىپ، ئەھۋال ياخشىلانماق؛ تەلەي ئوڭدىن كەلمەك.
ئىش ئويلىغان يەردىن چىقماسلىق؛ نەتىجە ئارزۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ چىقماق.