ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىشچان ئادەم خار بولماس.
ئىشچان چۈمۈلنىڭ پۇتى بولساڭ بولغىنكى، ۋىچ-ۋىچ قۇشقاچنىڭ ئاغزى بولما.
ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ، ھۇرۇندىن "ئۇھ'.
ئىشچانغا ئەگەشكەن ھۇرۇنلۇقنى تاشلاپتۇ
ئىشچانغا كۈندۈز قىسقا بىلىنەر، ھۇرۇنغا كېچە (قىسقا بىلىنەر).
ئىشچانغا يەر ھەر ۋاقىت ئېگىدۇ باش، ئىشچان ئادەم تاشلىقتىن ئالىدۇ ئاش.
ئىشچاننىڭ ئالدىدا ئون قىيىنچىلىق بىر بولۇر،ھۇرۇننىڭ ئالدىدا بىر قىيىنچىلىق ئون بولۇر.
ئىشچاننىڭ ئۇيقۇس سەھەردە ئېچىلۇر، ھۇرۇننىڭ چۈشتە.
ئىشقا بېقىپ تەدبىر كۆرمەك؛ ھەر ئىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللانماق.
ئىشقا پىششىق ئادەمنىڭ ئامالى كۆپ بولىدۇ؛ ئىشقا پىشقاننىڭ يۇلى چاققان؛ كۆپ مەشىق قىلساڭ، مەلىكىلىك بولىسەن.
ئىشقا پىششىق، كەسىپ ئەھلى؛ چېۋەر؛ ماھىر.
ئىشقا تۇشلۇق كۈچ يوق.
ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولۇ.
ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولۇر.
ئىش كۆرمىگەن؛ بالا كىچىك؛ تەجرىبىسىز.
ئىش كۆرمىگەن؛ يېڭىياچە.
ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇماق.
ئىشلىسەڭ ئالارسەن قاپلاپ ئاش، ئىشلىمىسەڭ قالارسەن چايناپ تاش.
ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن.
ئىشلىگەن چىلىق-چىلىق، ئىشلىمىگەن قەھەتچىلىك.