ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىت-توخۇلارنىمۇ چۆچۈتمەسلىك؛ ھېچقانداق شەپە چىقارماسلىق؛ خەقنى بىسەرەمجان قىلماسلىق.
ئىتتىپاق تۈزمەك ئۈچۈن، لەۋگە قان سۈركىمەك؛ تەنتەنە بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەك.
ئىتتىنمۇ بەتتەر؛ ئىت-ئېشەكتىنمۇ بەتتەر.
ئىت چاشقان تۇتماقچى بولغاندەك؛ باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلىشىۋالماق.
ئىت سۇغا چۈشسە يامغۇر ياغىدۇ.
ئىت قاۋاۋېرىدۇ، كارۋان يۈرۈۋېرىدۇ.
ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن.
ئىت-مۈشۈكلەرگىمۇ ئارام بەرمەسلىك؛ قاتتىق پاراكەندە قىلماق .
ئىت-مۈشۈكنىمۇ قويماسلىق؛ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇۋەتمەك؛ ھېچ نەرسىنى قالدۇرماق قىرىپ تاشلىماق.
ئىتىبار بىلەن قارىماق؛ باشقىچە قارىماق.
ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا، كۆڭلى تىنماس.
ئىت ئىگىسى بىلەن كۈچلۈك؛ تايانچىم بار دەپ يوغانچىلىق قىلماق.
ئىت ئىگىسىنى تونۇيدۇ، مۈشۈك ئۆيى (تونۇيدۇ)
ئىت يېنىدا سۆڭەك ياتماس، سۆڭەك ياتسا بىكار ياتماس.
ئىچ ئاغرىتماق؛ ھىسىداشلىق قىلماق؛ ئېچىنماق.
ئىچ-باغرىنى تۆكمەك؛ كۆڭۈلدىكى سۆزنى قىلماق.
ئىچ-باغرى ئۆرتەنمەك؛ يۈرەك-باغرى ئېزىلمەك؛ دىلى پۇچۇلانماق؛ قاتتىق ئازابلانماق.
ئىچ-تېشىنى ئالا قويماي تىنتماق؛ ئاختۇرۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتمەك؛ ھېچ نەرسىنى قالدۇرماستىن چىقارماق؛ ھەممىنى ئوتتۇرىغا قويماق.
ئىچ-سىرىنى تۈكۈشمەك؛ بىر-بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق.
ئىچقۇيۇن-تاشقۇيۇن بولۇپ كەتمەك؛ ئاپاق-چاپاق بولۇپ كەتمەك.