ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك.
ئىچكى ئەنسىزلىك؛ ئىچكى غەم-ئەندىشە.
ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن ماسلاشماق.
ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن قىيىنچىلىققا بوغۇلماق.
ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ماسلاشماق.
ئىچى-تېشىدىن ھۇجۇم قىلماق.
ئىچى تىتىلداپ كەتمەك؛ ئىچىگە ئوت كەتكەندەك بولماق؛ بەكمۇ ئالدىراپ كەتمەك.
ئىچ-ئىچىدىن قايىل بولماق؛ چىن قەلبىدىن قايىل بولماق؛ ئاغزىدىمۇ، كۆڭلىدىمۇ قايىل بولماق.
ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ كۆرمەك؛ ئىچ-ئىچىدىن يامان كۆرمەك.
ئىچىدە توڭگۈز قاترايدىغان؛ ئىچى يامان؛ ۋاپاسىز.
ئىچىدە ساقلىماق؛ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويماق.
ئىچىدە غۇدۇرىماق؛ غۇدۇراشماق؛ كۇسۇلداشماق؛ پىچىرلاشماق.
ئىچىدە ھۆكۈم قىلماق؛ كۆڭلىدە باھا بەرمەك.
ئىچى قارىلىق قىلماق؛ بىراۋنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولماق.
ئىختىيارسىز كۈلۈپ سالماق؛ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتمەك.
ئىخچاملىماق؛ قىسقارتماق ۋە ئاددىيلاشتۇرماق.
ئىرادە بولسىلا، ئىش ۋۇجۇدقا چىقماي قالمايدۇ؛ ئىرادىلىك ئادەم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.
ئىرادە چىڭ بولسا، ھەرقانداق مۈشكۈل ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ.