ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىززىتنى بىلمىگەن ئەدىپىنى يەر.
ئىستەككە تۇشلۇق دەستەك يوق؛ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق؛ ئىرادىسى ئۇلۇغ، قابىلىيتى ئاجىز.
ئىس-تۈتەك تارقىلىپ كەتمەك؛ غايىب بولماق؛ قىلچە ئەسەر قالماسلىق.
ئىستىداتلىق؛ تالانتلىق؛ كامالەتكە يەتكەن؛ ناھايىتى ئىقتىدارلىق.
ئىستىقباللىق ئىش؛ قىلغۇچىلىكى بار ئىش.
ئىس چىققان يەردە ئادەم بار.
ئىسراپخور ئائىلە-تۆشۈك قازان.
ئىسسىق چىراي؛ خۇش چىراي؛ ئوچۇق چىراي؛ ئىللىق چىراي؛ خۇشخۇي.
ئىسسىق قانلار ئۇرغۇپ تۇرماق؛ غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرماق.
ئىسمى بار، جىسمى يوق؛ قۇرۇق نامىلا بار؛ نامدىلا بار.
ئىسمىدىن جىسمىنى بىلمەك؛ ئېتىغا قاراپ مەنىسىنى ئويلىماق؛ ئېتىغا قارىغاندا؛ ئېتىدىن مەلۇم بولىشىچە.
ئىسمىنى جىسمىغا لايىقلاشتۇرماق؛ شەكىل بىلەن مەزمۇننى ماسلاشتۇرماق.
ئىسىمى جىسمىغا لايىق ئەمەس؛ قۇرۇق ئاتاق؛
ئىشەنمىگەن ئادەمنى مەنسەپكە قويما، مەنسەپكە قويغان ئادمگە ئىشەنمەي قالما.
ئىش بىر خىل، ئامالى ھەر خىل.
ئىش تاماملانماق؛ ئىش تامام-ۋەسسالام.
ئىشتانسىز ئىشتىنى يىرتىقتىن كۈلۈپتۇ.
ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلىمەك.
ئىش تولا، ۋاقىت قىس؛ ئەتىگەندىن كەچكىچە باش كۆتۈرمەي ئىشلىمەك.