ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىرادە كۈچلۈك بولسا، پەرىزاتمۇ ئازدۇرالماس.
ئىرادەڭ كۈچلۈك بولسا، تاشنىمۇ تېشەلەيسەن.
ئىرادىسىز ئادەم-بىسى يوق پىچاق.
ئىرادىسىز ئادەم ھەقىقىي ئادەم ھېسابلانماس.
ئىرادىسى مۇستەھكەم؛ غايىسى مۇستەھكەم؛ پۇلاتتەك ئىرادە.
ئىرادىلىك ئادەمگە تاغمۇ ئېگىز تۇيۇلماس.
ئىرادىلىك ئادەم يېرىم يولدا بەل قويماس.
ئىرماش-چىرماش؛ چەمبەرچاس باغلانماق.
ئىزا-ئاھانەتكە چىدىماق؛ خورلۇققا چىدىماق.
ئىزاغا چىدىماي چىچاڭشىپ كەتمەك؛ نومۇسقا چىدىماي غەزەپلىنىپ كەتمەك.
ئىز باسقۇچى بار بولماق؛ ۋارىسى بار بولماق.
ئىز باسقۇچى يوق بولماق؛ ۋارىسسىز قالماق.
ئىزچىل سادىق بولۇپ كەلمەك؛ باشتىن ئاخىر سادىق بولماق.
ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتمەك؛ ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسىدەك يوقاپ كەتمەك.
ئىز-دېرەكسىز يوقىلپ كەتمەك؛ غايىب بولماق.
ئىز-دېرىكىنى يوشۇرماق؛ ئەسلى قىياپىتىنى يوشۇرماق.
ئىززەت تاپاي دېسەك ئىززەت قىل.
ئىززەت قىلغاننى بىلمەسلىك؛ ياخشىلىق قىلغاننى بىلمەسلىك.
ئىززەت-ئىكرام بىلەن ھۆرمەتلىمەك؛ ئالىي ئېھىرام بىلدۈرمەك.
ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرمەك؛ سۈلكەت قىلماق.