ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئېگىلمەس-سۇنماس؛ ئېگىلمەس-پۈكۈلمەس؛ قەيسەرلىك.
ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس.
ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بېرىش كېرەك؛ ئالاي دېسەڭ بەر.
ئېنىق كۆرۈنمەك؛ ھەممە نەرسە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرماق.
ئېنىق ئېيتىپ بەرمەك؛ تەپسىلى رەۋىشتە؛ ھەممە تەپسىلاتلىرى بىلەن؛ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى قويماي؛ يىپىدىن يىڭنىسىگىچە.
ئېھتىياتچان بولماق؛ پەخەس بولماق.
ئېيتسا-ئېيتسا تۈگىمەسلىك؛ بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
ئېيتقىلى بولمايدىغان سىر؛ كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان دەرد؛ ئېيتىشقا تىلى بارماسلىق(كۆيمەك).
ئېيتمىغان چىرايلىق سۆزلىرى، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالماسلىق.
ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز.
ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز؛ ھەددى-ھېسابسىز؛ سان-ساناقسىز.
ئىبرەت ئالماق؛ ئىبرەت قىلماق.
ئىبرەتلىك سۆز ۋە ئالىيجاناپ ھەرىكەت
ئىپلاسلارنى تۈگەتمەك.
ئىپلاس نەرسىلەرنى ساقلىماق؛ بۇزۇقلارنى قانات ئاستىغا ئالماق.
ئىتائەتمەنلىك. بىئارام بولماق؛ ئالاقزادە بولماق؛ ساراسىمگە چۈشمەك.
ئىت ئاغىزىدىن پىل چىشى چىقماس؛ ياماننىڭ ئاغزىدىن ياخشى گەپ چىقماس.
ئىت باققان ئىتقا ئامراق، مۈشۈك باققان مۈشۈككە (ئامراق).
ئىت پوق يېيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
ئىتتەك دۇقۇرۇپ، چىۋىندەك بېزىرىپ يۈرمەك؛ لالما ئىتتەك دۇقۇرۇپ يۈرمەك.