ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق؛ ۋاپاسىزلىق قىلماق.
ۋەدىنى ئالتۇندىنمۇ قىممەت دەپ بىلمەك؛ گەپمۇ ئېغىزدىن چىقىدۇ، جانمۇ ئېغىزدىن.
ۋەزىرنىڭ قورسىقىغا تۆت ئاتلىق ھارۋا سىغىدۇ؛ كەڭ قورساق؛ قورسىقى كەڭ.
ۋەزىيەت تەقەززاسى؛ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى.
ۋەزىيەت كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرماق.
ۋەزىيەت كىشىنى تەقەززا قىلماق؛ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى؛ ئەھۋال كىشىنى قىستىماق.
ۋەزىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتمەك؛ جاھاننى ئۆزگەرتمەك.
ۋەزىيەت ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەرمەك.
ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرماق؛ ئەھۋال ئۆزگىرىپ تۇرماق.
ۋەھىمىلىك سۆز بىلەن چۆچۈتمەك؛ قورقۇنۇچلۇق قىلىپ ئېيتماق.
ۋۇجۇتقا يا چىقار، يا چىقماس؛ يا بايدىن چىقار، يا سايرامدىن.
ۋېي بەگلىكىنى مۇھاسىرگە ئېلىپ، جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇۋالماق.
ۋىجدانسىزلىق قىلماق؛ بەتنىيەتلىك قىلماق.
ۋىجدانسىزلىق قىلماق؛ ئىنساپسىزلىق قىلماق.
ۋىجدانىنى يوقاتماق.
ۋىجدانىنى يوقاتماق؛ ۋىجدانسىزلىق.
ئېتقان سۆز-ئاتقان ئوق؛ تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس؛ ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆزنى قايتۇرۇۋالغىلى بولماس.
ئېتىبارسىز قارىماق؛ سەل چاغلىماق؛ سەل قارىماق.
ئېتىبار قىلماسلىق؛ پەرۋا قىلماسلىق؛ پىسەنت قىلماسلىق؛ كارى بولماسلىق.
ئېتىزدىكى ئاشلىق، مېھنىتىڭگە باغلىق.