ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.
ۋاقىت ئالتۇنغا تەڭ؛ ھەر بىر مىنۇتمۇ قەدىرلىك.
ۋاقىت دېمەك، ئالتۇن دېمەك؛ بىر مىنۇت مىڭ سەر ئالتۇنغا باراۋەر.
ۋاقىت سۇدەك ئۆتمەك؛ ۋاقىت تېز ئۆتۈپ كەتمەك.
ۋاقىت سۇدەك ئۆتمەك؛ ۋاقىت ئۇچقاندەك تېز ئۆتمەك.
ۋاقىتسىز قېرىماق؛ قېرىماي تۇرۇپلا ئاجىزلىشىپ كەتمەك.
ۋاقىت-شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرمەك؛ زامانغا يارىشا ئىش كۆرمەك.
ۋاقىت غەنىيمەت؛ ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ؛ ۋاقىتنى چىڭ تۇتماق.
ۋاقىت قايتىپ كەلمەيدۇ؛ ۋاقىت غەنىييمەت.
ۋاقىتلىق تەدبىر، ئەپىلىك چارە.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن؛ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن
ۋاقىت ئۇزارغانسېرى؛ ئۇزاق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن
ۋاقىت ئۆتۈپ، ئەھۋال ئۆزگەرمەك.
ۋەتەن مەنپەئەتى ئۈچۈن يول قويماق؛ ۋەتەن يولىدا رايىغا باقماق.
ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قالماق.
ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولماق.
ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلماق.
ۋەتەن يولىدا بار-يوقنى قۇربان قىلماق؛ ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلماق.
ۋەتۋەرىكى چىقماق؛ تىرىپىرەن بولماق.
ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتمەك؛ يەر بىلەن يەكسەن بولماق؛ تارمار بولماق؛ بىتچىت بولماق؛ تىرىپرەن بولۇپ كەتمەك.