ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۈمىدسىزلىنىپ روھى چۈشمەك.
ئۈمىدسىزلىنىپ ھەممىدىن كەچمەك؛ ئۈمىد ئۈزمەك.
ئۈن-تۈنسىز ئىشلىمەك؛ نام-نىشانسىز ياشىماق؛ نام-ئاتىقى چىقماسلىق؛ ھېچ ئىشقا تەسىر كۆرسەتمەسلىك.
ئۈن-تۈنسىز يوقاپ كەتمەك؛ جىممىدە يوقاپ كەتمەك؛ تۇيدۇرماي يوشۇرۇنۇۋالماق.
ئۈن-تىنسىز تەسىر قىلماق؛ بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسەتمەك؛ تەدرىجى ئۆزگىرىپ كەتمەك.
ئۈن-تىنسىز؛ لام-جىم دىمەي.
ئۈنچە-مەرۋايىتلار يالتىراپ تۇرماق.
ئۈنچىدەك سۆز؛ مارجاندەك سۆز-ئۈزۈككە قويغان كۆز؛ جەلپكار سۆز.
ئۈنگەن ئوتنىڭ يىلتىزى بولۇر، چىققان گەپنىڭ سەۋەبى بولۇر.
ئۈنلۈك خىتاب قىلماق.
ئۈنۈملۈك؛ نەتىجىلىك؛ ياراملىق.
ۋاپادار ئەۋلادلار؛ ۋاپادار پەرزەنتلەر.
ۋاپاغا جاپا (قىلماق) .
ۋاپاغا جاپاقىلماق؛ ياخشىلىققا يامانلىق قىلماق؛ ۋاپاسىزلىق قىلماق.
ۋاپاغا جاپا، ياخشىلىققا يامانلىق؛ ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرمەك.
ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرمەك؛ چۇقان-سۈرەن سالماق.
ۋارقىراپ قىلغان گەپنىڭ ھەممىسى يوللۇق بولماس.
ۋاقتىڭ كەتتى-بەختىڭ كەتتى.
ۋاقىت-ئاتقان ئوق.
ۋاقىت ئادەمگە باقمايدۇ.