ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆيدە مۈشۈك بولمىسا، چاشقانىڭ كۈنى تۇغۇلار.
ئۆيدە ئوت كۆيمىسە سىرتقا ئىس چىقماس.
ئۆيدىكى ئالتۇن-تىللالارنىڭ سانىنى بىلگەندەك؛ بەش قولدەك بىلمەك؛ پىششىق بىلمەك.
ئۆيدىكى ئىشنى تالاغا يايماق. باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە.
ئۆي سېتىۋالماي، قوشنا سېتىۋال.
ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ تۇرۇپ قالماق؛ ماكانلاشماق؛ يەرلەشمەك.
ئۆيمۇئۆي؛ ئۆيمۇئۆيمۇ يۈرمەك؛ ھەممە ئۆينى قالدۇرماي ئارىلاپ چىقماق.
ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماق.
ئۆيۈڭدە بەز بولمىسا، سىرتتىن مۈشۈك كىرمەس.
ئۆيۈڭنىڭ بىساتى قوشناڭغا مەلۇم.
ئۈچ ئاپەت سەككىز مۈشكۈلات ( خۇراپاتلىق )؛ تۈرلۈك بالايىئاپەت.
ئۈچ ئەركان، بەش ئەھكام ( ئۈچ ئەركان: پۇقرانىڭ پادىشاھقا، خۇتۇننىڭ ئەرگە ۋە ئوغۇلنىڭ ئاتىغا يويسۇنۇشى. بەش ئەھكام: رەھىمدىللىك، ئىنساپ، ئەدەپ، پاراسەت ۋە سادىقلىق-ۋاپادارلىق ).
(ئۈچ تەرەپ) تاقارىشىپ تۇرماق؛ تىركىشىپ تۇرغان ھالەت.
ئۈچ تەرەپ تىركەشمەك؛ ئۈچ تەرەپ تىركىشىش ۋەزىيىتى.
ئۈچ سۇلالە ئەربابى؛ دەۋرمۇ دەۋر ئەمەلدار بولماق.
ئۈچ كۈن بېلىق تۇتۇپ، ئىككى كۈن تور قۇرۇتماق؛ بىر كۈن ئىشلەپ، ئىككى كۈن تاشلاپ قويماق؛ بۈگۈن تۇتقان ئىشنى ئەتىسى تاشلاپ قويماق.
ئۈچ كۈن بېلىق تۇتۇپ، ئىككى كۈن تور قۇرۇتۇپتۇ.
ئۈچ كۈنگىچە سۆزلەشمەي، بىر-بىرىگە نەزەر سېلىشماق؛ بىر نەچچە كۈن قارىشىپ، ئاستا-ئاستا چىقىشىپ قالماق (يېڭى ئوقۇغۇچىلار).
ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئۇستاز تېپىلىدۇ.
ئۈچ نادان بىرلەشسە بىر ئاقىلغا تەڭ بولار؛ كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس؛ كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ.