ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىماق؛ ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتمەك.
ئۆگەنگەننى تەكرارلاپ، يېڭى چۈشەنچە ھاسىل قىلماق. ۆونىسىنى تەكرارلاپ يېڭى بىلىم ھاسىل قىلماق؛ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ ھازىرقىنى چۈشەنمەك.
ئۆگەنگەننى ئىشلەتمىگىنىڭ-مۇنبەت يەرنى تېرىمىغىنىڭ.
ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ، شوتىنى تارتىۋەتمەك؛ دەرەخكە چىقىرىپ قويۇپ شوتىنى تارتىۋەتمەك. يوشۇرۇن سۇيقەست پىلانلىماق. باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ تۇزاققا دەسسەتمەك.
ئۆلتۈرگەننىڭ سورىقى يوق؛ قارشىلىق كۆرسەتكەننى ئۆلتۈرۈش جىنايەت ئەمەس.
ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئازلىق قىلماق؛ ئۆلۈم جازاسىمۇ يېنىك كەلمەك.
ئۆلسىمۇ كۆزى يۇمۇلماسلىق؛ كۆزى ئوچوق كەتمەك؛ ئارماندا كەتمەك.
ئۆلسىمۇ نىيىتىدىن يانماسلىق؛ چىڭ نىيەت باغلىماق.
ئۆلگەن توشقانغا قاراپ تۈلكىمۇ قايغۇرۇپتۇ؛ ئۆز خىلىدىكىلەرنىڭ ھالاكىتىگە قايغۇرماق؛ ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىرقىراپتۇ.
ئۆلگەن جاندىن ئۈمىد كۈتمەك.
ئۆلگەن جاننى تىرىلدۈرمەك؛ ئۈمىد ئۈزۈلگەن ئىشنى ئوڭشىۋالماق.
ئۆلگەندىن كېيىن باھا بەرمەك؛ ئاخىرقى خۇلاسە.
ئۆلگۈچە پەيلىدىن يانماسلىق؛ بۇرنىغا يېمىگۈچە نىيىتىدىن يانماسلىق.
ئۆلگۈچە تېز پۈكمەسلىك؛ ئۆلگۈچە بويۇن ئەگمەسلىك.
ئۆلگۈچە تىز پۈكمەسلىك؛ ئۆلگۈچە بويۇن ئەگمەسلىك.
ئۆلگىچە ئىرادىسىدىن يانماسلىق؛ باسقان ئىزىدىن قايتماسلىق.
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلماق؛ ئېغىر جۇدالىق؛ ھىجرانلىق؛ ھايات بولسىمۇ بىر-بىرى بىلەن كۈرۈشەلمەسلىك.
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار.
ئۆلۈش تىرىلىشىگە قارىماي؛ پىداكارلىق بىلەن؛ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ؛ ھايات-ماماتىغا قارىماي.
ئۆلۈك چاشقان مۈشۈكتىن قورقماس.