ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆلۈك مۈشۈك تېرىك چاشقاننىمۇ قورقىتالايدۇ.
ئۆلۈكنى كۆمىدىغان يەرمۇ تېپىلماسلىق؛ ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىققان؛ قەبىھ؛ رەزىل.
ئۆلۈكنى ئىتقا تاشلاپ بەرمەك؛ قاغا-قۇزغۇنغا يەم بولسۇن.
ئۆلۈك ئۆيدىن چىقار، ئورنىغا سەۋر كېرەك.
ئۆلۈم جازاسىمۇ ئازلىق قىلىدىغان جىنايەت؛ ئۆلۈم جازاسى بەرسىمۇ ئازلىق قىلماق.
ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلماق؛ ئاغرىق-سىلىقلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولماق؛ كېسەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماق.
ئۆمۈر بويى ئالساڭمۇ ئىلىم، چالا قالىدۇ خېلى بىر قىسىم.
ئۆمۈر سۇدەك ئۆتمەكتە؛ ئۆمۈرنى بىكار زايە قىلماق؛ ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاققان سۇ.
ئۆمۈرلۈك ئىش؛ ئۆمۈر سودىسى.
ئۆمۈر مەنىسىز ئۆتمەك؛ پەرىشان يۈرمەك؛ ھېچ ئىش خۇشياقماسلىق.
ئۆمۈرنى ئۇزارتماق؛ ئۆمرى ئۇزارماق.
ئۆمۈرۋايەت پۇشايمان قىلماق؛ ئارماندا قالماق؛ ئارمان بىلەن ئۆتمەك.
ئۆي ئالساڭ لىمىغا قارا، خوتۇن ئالساڭ ئانىسىغا قارا.
ئۆي ئەزىز مېھمانلار بىلەن تولماق.
ئۆي بار يەردە تالادا قېلىشتىن قورقما، بالا بار يەردە يالغۇز قېلىشتىن قورقما.
ئۆيدا ئوتۇن بولمىسا، ئوت قالىما.
ئۆيدە ئاتا-ئاناڭغا تايان، سىرتتا دوستلىرىڭغا.
ئۆيدە بەزى بولمىسا، ئوغرى مۈشۈك كىرمەس.
ئۆيدە تۈلكە باقساڭ، توخۇغا كۈن يوق.