ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆزىنى ئۆزى ماختىماق؛ ماختانچاقلىق قىلماق؛ پوچىلىق قىلماق.
ئۆزى ئۆزىگە سوئال قويماق؛ تۇماقنى ئالدىغا قويۇپ ئويلانماق.
ئۆزى ئۆزىنى قامدىماق؛ ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىمەك.
ئۆزى ئۆلسە بىر كىشى، ئېشىكى ئۆلسە مىڭ كىشى.
ئۆزى ئۈزۈپ يېگەن مېۋە تاتلىق.
ئۆزى ياخشى ، پۇلى ئەرزان؛ ھەم ئەرزان، ھەم ياخشى.
ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ ھەممە نېمىسى گۈل كۆرۈنۈپتۇ.
ئۆز يولى بىلەن ئۆزىنى بابلىماق.
ئۆز يولى بىلەن ئۆزىنى بابلىماق؛ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويماق.
ئۆستەڭگە يېقىن ئېتىزغا ئاۋۋال سۇ كىرىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەرگە ياغدەك يارىشىدىغان يامغۇر-يېشىن؛ شىپالىق يامغۇر؛ ياخشى تەربىيەلەنمىگە؛ ياخشى تەربىيە ئالمىغان.
ئۆكتەملىك قىلماق؛ پىسەنت قىلماسلىق.
ئۆكتەملىك قىلماق؛ زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلماق؛ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلماق.
ئۆكتەملىك قىلماق؛ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلماق؛ مۇتتەھەملىك قىلماق.
ئۆكۈنمەك؛ پۇشايمان قىلماق؛ ئېچىنماق.
ئۆگەتكەن يەرگە تارتىشماق؛ تارتىشىپ كەتكۈسى كەلمەسلىك؛ كېتىشكە كۆزى قىيماسلىق؛ مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك.
ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە قالماس؛ قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار.
ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە قالماس.
ئۆگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقۇچە.