ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆزىچە خۇشال بولۇپ يۈرمەك؛ ئىچىدە ھۇزۇرلانماق.
ئۆزىچە سۆزلەپ كەتمەك؛ ئۆزى ئۆزىگە سۆزلىمەك؛ ئۆزىچە بىر نىمىلەرنى دېمەك.
ئۆزىچە كۆرەڭلەپ كەتمەك؛ ئۆزىچە مەغرۇرلانماق.
ئۆز ئىچىدە بىر-بىرىنى ئۆلتۈرمەك؛ ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشماق.
ئۆزىدىن تۈۋەنلەردىن سوراشنى ئار كۆرمەسلىك؛ سوراپ بىلىش ئەيىپ ئەمەس.
.ئۆزى زىيان تارتىپ باشقىلارغا پايدا يەتكۈزمەك. ئۆزىنىڭ زىيىنى ھېسابىغا باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزمەك.
ئۆز ئىشىدىن ئۆزى لەززەتلەنمەك؛ ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلماق.
ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولماق.
ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلماق؛ ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتمەك.
ئۆزى قىلغاننىڭ دەردىنى ئۆزى تارتماق؛ ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا؛ ئۆزىگە ئۆزى قىلماق.
ئۆزى كەمبەغەل بولسىمۇ، ئىلىم-بىلىمدىن خۇشاللىق تاپماق؛ ماددىي بايلىقى بولمىسىمۇ، مەنىۋى بايلىقى مول.
ئۆزى كۆرەڭلەپ، ئۆزى قۇرۇپ كەتمەك؛ ئۆزى پەيدا بولۇپ، ئۆزى يوقالماق.
ئۆزىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتمەك.
ئۆزىگە تارتىش ۋە پارچىلاش ۋاستىلىرى.
ئۆزىگە تەسەللى ېېرىپ تۇرماق؛ ئۆز كۆڭلىنى ياساپ تۇرماق.
ئۆزىگە تەمەننا قويماق؛ ئۆزىچە مەغرۇرلانماق؛ ئۆزىچە مەمنۇن بولماق.
ئۆزىگە تەمەننا قويماق؛ ئۆزىنى قالتىس چاغلىماق.
ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق؛ قابىلىيتىم بار دەپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق.
ئۆزىگە سايىسىدىلا ھەمراھ بولۇپ يۈرمەك؛ يەككە-يىگانە؛ پاناھسىز.