ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆزىنى گۈل چاغلىماق؛ ئۆزىنى قالتىس چاغلىماق؛ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە مەسلىكى كەلمەك.
ئۆزىنىڭ ئەيب-نوىسانلىرىدىن خىجىل بولماق؛ ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىدىن نومۇس قىلماق.
ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە بىلىنمەپتۇ.
ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس.
ئۆزىنىڭ خاتا پىكىرىدىن كېچىپ، باشقىلارنىڭ توغرا پىكىرىگە بويسۇنماق.
ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلماق؛ ئۆز پىكىرى بويىچە ئىش كۆرمەك.
ئۆزىنىڭ قولىنى ئۆزى كېسىشك كۆڭلى ئۇنىماپتۇ.
ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ تۇرۇۋالماق؛ ئۆزىنىڭكىنىلا يورغىلاتماق؛ ئۆزىنى توغرا دەپ ھېسابلىماق؛ مەنمەنلىك قىلماق.
ئۆزىنىڭكىنى كۆرمەي، خەقنىڭكىنى زاڭلىق قىلماق؛ ئىشتىنى يوق تىزى يىرتىقتىن كۈلۈپتۇ؛ ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەي، خەقنىڭ ئەيىبىنى ئاچماق؛ ئۆچكىنىڭ ئوچوق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھويت-ھويت.
ئۆزىنىڭكىنىلا يورغىلاتماق؛ ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى رەت قىلماق.
ئۆزىنىڭ نەيزىسىنى ئۆزىنىڭ قالقىنىغا سانجماق؛ ئۆز يولى بىلەن ئۆزىنى بابلىماق.
ئۆزىنىڭ ئۆزىگە بىلىنمەپتۇ.
ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە.
ئۆزىنى مەسخىرىدىن قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنماق.
ئۆزىنى مەلۇماتلىق قىلىپ كۆرسەتمەك؛ بىلىملىك ئادەم بولۇۋالماق.
ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىماق.
ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلمەك.
ئۆزىنى ھەممىدىن خالى تۇتماق؛ جاھان بىلەن كارى بولماسلىق.
ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ھىيلىسى.