ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.
ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى ئۆزگىگە تاڭما؛ پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ئاغرىمىسا خەققە؛ ئۆزۈڭ خالىمىغاننى خەققە تاڭما.
ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى قوي.
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىلارنى شىر چاغلا.
ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي.
ئۆزۈڭنىڭ كەمچىلكىنى باشقىلارنڭ ئارتۇقچلىقى بىلەن تولۇقلا.
ئۆزۈل-كېسىل قول ئۈزمەك؛ ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزمەك؛ ئادا-جۇدا بولماق.
ئۆزۈل-كىسىل ئۆزگەرمەك؛ توۋا قىلماق؛ تۈزۈلۈپ يېڭى ئادەم بولماق.
ئۆزۈم پاڭ، قۇلىقىم ساق؛ ئۆزىنى پاك تۇتۇپ باشقىسى بىلەن كارى بولماسلىق.
ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، ئەسكى پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن.
ئۆزۈم ياخشى بولسام بولدى، ئۆزگە بىلەن نېمە كارىم؛ ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولماسلىق.
ئۆز ۋاقتىدىكىدەكلا؛ بۇرۇنقى پېتىدىكىدەكلا.
ئۆزى بەگ-ئۆزى خان بولۇۋالماق؛ زوراۋانلىق قىلماق؛ زورلۇق قىلماق.
ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولماسلىق؛ ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىش.
ئۆزى بىلمەي تۇرۇپ، باشقىلارغا چۈشەندۈرمەك.
ئۆزى پىلدەك، جېنى قىلدەك.
ئۆزى تاپقان بالاغا ئۆزى تاپسۇن داۋانى؛ بالانى كىم تېرىغان بولسا، ئامالىنى شۇ قىلسۇن.
ئۆزى تاغدا تۇرسىمۇ، كۆڭلى باغدا يۈرۈپتۇ.
ئۆزى تاغدا، كۆڭلى باغدا؛ ئۆزى ساۋ ساۋ دەرگاھىدا، كۆڭلى خەننىڭ خانىدانىدا.
ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويماپتۇ.