ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماق؛ تەلەپچان بولماق؛ ئۆزىنى چىڭ تۇتماق.
ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىش بىلەن كارى بولماسلىق؛ ئۆز مەنپەئەتىگە چېتىلمايدىغان ئىشلار بىلە كارى بولماسلىق.
ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپقاق؛ ئۆز بېشىغا ئىش تاپماق.
ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپماق.
ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپماق؛ ئۆزىگە ئۆزى باش ئاغرىقى تاپماق؛ ئۆزىگە ئۆزى ئاۋارىچىلىك تاپماق.
ئۆزىگە-ئۆزى بالا جاپا سالماق؛ ئۆز گۇناھى ئۆزىگە؛ ئۆزىنىڭ شورى؛ ئۆز گۇناھىنىڭ دەردىنى تارتماق.
ئۆزىگە ئۆزى قىلماق.
ئۆزىگە ئۆزى گۆر قازماق؛ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلماق.
ئۆزىگە ئۆزى مەپتۇن بولماق؛ ئۆز-ئۆزىدىن مەست بولۇپ كەتمەك؛ ئۆز-ئۆزىگە مەسلىكى كەلمەك؛ ئۆز ئىشىدىن ئۆزى ھۇزۇرلانماق.
ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولالماسلىق؛ ئىختىيارسىزلىق؛ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلالماسلىق.
ئۆزىگە يول ئاچماق؛ يېڭىلىق ياراتماق.
ئۆزىگىمۇ يېتىشەلمەي قالماق؛ ئۆزىگىمۇ قارىيالماسلىق؛ ئۆز غېمىنىمۇ قىلالماسلىق.
ئۆزى نەمۇنە بولۇپ بەرمەك؛ ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرمەك.
ئۆزىنى ئەقىللىق ھېسابلىماق؛ يېتىم ئاقساقاللىق قىلماق؛ مەمەدانلىق قىلماق؛ بىلەرمەنلىك قىلماق.
ئۆزىنى بازارغا سالماق؛ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلماق؛ كۆرەڭلەپ يۈرمەك.
ئۆزىنى باشقا ئادەمنىڭ ئورنىغا قويماق؛ ھالىغا يەتمەك؛ دەردىنى چۈشەنمەك؛ دەردىنى نەزەرگە ئالماق.
ئۆزىنى باشقا بىراۋ قىلىپ كۆرسەتمەك؛ (بىرۋانىڭ) نامىنى ساتماق.
ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتماق؛ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرماق.
ئۆزىنى بىلمەك؛ ئۆزىنى سورىماق؛ ئۆزىنى سورىغان قازىنىڭ ئالدىغا بارماپتۇ.
ئۆزىنى تارتىپ، ئۆزگىنى چەتكە قاقماق؛ گوروھۋازلىق قىلماق.