ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆزگىگە تايانغۇچە، ئۆزۈنىڭ كۈچىگە تايان.
ئۆز لايىقىدا بولماق؛ دەل جايىدا كەلمەك؛ باب كەلمەك؛ گۈلى گۈلىگە كەلمەك.
ئۆزلىكىدىن ئىقرار قىلىپ سالماق؛ ئۆز-ئۆزىدىن ئاشكارا قىلىپ قويماق.
ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەك؛ بولىشىغا قويۇپ بەرمەك؛ ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەرمەك.
ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەك؛ بولۇشىغا قويۇپ بەرمەك؛ ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەرمەك.
ئۆز نەپسىدىن كېچىپ، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلىمەك.
ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر-قانائەت قىلماق؛ ئۆزىنى بىلىپ يۈرمەك؛ سىڭگەن نېنىنى يېمەك.
ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتۇلدۇماق.
ئۆز-ئۆزىدىن تارمار بولماق؛ تېگەر-تەگمەي ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتمەك.
ئۆز-ئۆزىدىن؛ تەبئىي يوسۇندا.
ئۆز-ئۆزىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەك؛ ئۆزىگە ئۆزىنىڭ مەسلىكى كەلمەك؛ ئۆزىچە پەيزى سۈرمەك.
ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم؛ دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك.
ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم؛ ئۆز-ئۆزىدىن چۈشۈنۈشلىك؛ ناھايىتى روشەن؛ كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
ئۆز-ئۆزىدىن ھەسرەتلەنمەك. ئۆزىنىڭ ئۆزىگە مەسلىكى كەلمەك.
ئۆز-ئۆزىدىن يېيىلىپ كەتمەك؛ تىزلا يامرىماق؛ تىز تارقالماق.
ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرمەك؛ ئۆزىدىن ئۆزى سورىماق.
ئۆز-ئۆزىنى كامالەتكە ئېرىشتۈرمەك؛ ئۆز-ئۆزىدىن كامالەت تاپماق؛ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلىمەك.
ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى.
ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قۇلۇمنىڭ بوشلۇقى.
ئۆز ئۆيىگە كەلگەندەك بولماق؛ ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك بولماق.