ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆتكىلى بولمايدىغا دەريا يوق، چىققىلى بولمايدىغان دۆڭ يوق.
ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا.
ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كىيىنكىگە ئىبرەت قىلماق.
ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە رايى بارماسلىق؛ ئكتكەن ئىشلارنى ئەسلەشنى خالىماسلىق.
ئۆتمۈش ھازىرقىدىن ياخشى ئىدى دەپ بىلمەك؛ ئىلگىرى ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى ئىدى دەپ قارىماق؛ ئۆتمۈشىنى ماختاپ، ھازىرنى سۆكمەك.
ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتمەك؛ ئېغىر ۋەيران بولماق.
ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت قايتا كەلمەيدۇ؛ ۋاقىت غەنىيمەت.
ئۆچكە جاڭگال چۈشەپتۇ، توىۇ داڭگال (چۈشەپتۇ).
ئۆچكىنى قوشقا قاتقىلى بولماس، ھۆپۈپنى سۆرەمگە
ئۆچمەس؛ يۇقالماس؛ ئۇنتۇلماس.
ئۆرپ-ئادەتنى بۇزماق؛ قائىدە-يۇسۇندىن چىقماق؛ ئۆرپ-ئادەتكە مۇخالىپ ئىش قىلماق.
ئۆردەك توپى يەمگە چاچقاندەك؛ ئولاش-چولاش ئىنتىلمەك؛ بەس-بەس بىلەن تەلپۇنمەك.
ئۆردەكنى قانچە چۈمدۈرسىمۇ سۇ يۇقمايدۇ.
ئۆردەكنى قونداققا زورلىماق؛ تۈگىنى ئۇسۇلغا تارتماق.
ئۆردەكنىڭ قانىتى بولسىمۇ ئۇچالماس.
ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بولۇر.