ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆز پېشانىسىدىن كۆرمەك؛ ئۆزىنىڭ شورى.
ئۆز پىچىقىدا ئۆزىنى بوغۇزلىماق؛ ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇماق؛ ئۆزىنىڭ قورالىدا ئۆزىگە ھۇجۇم قىلماق.
ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋالماق.
ئۆز پىكىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويماق.
ئۆز خاھىشى بويىچىلا؛ ئۆز ئارزۇسىنىلا ئاساس قىلماق؛ ئۆز ئىختىيارى بىلەنلا.
ئۆز خىلىدىكىلەرنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشىغا قايغۇرماق.
ئۆز سەنىمىگە دەسسىمەك؛ بىلگەن مۇقامغا توۋلىماق؛ خالىغىنىنى قىلماق.
ئۆزقائىدىسى بويىچە ئىشلىمەك؛ تەرتىپ بويىچە؛ ھەر ئىش ئۆز يولى بىلەن.
ئۆز قولىدىكىنى ئوغرىلىماق.
ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەك.
ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلپ كۆرسەتمەك؛ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى مىسال قىلپ سۆزلىمەك.
ئۆز كەسپىنى تىرىشىپ مەشىق قىلماق.
ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماق؛ ئۆزىنىڭلا پايدا-زىيىنى بىلەن ھېسابلاشماق.
ئۆز كۈچى بىلەن ياشىماق؛ ئۆز ئەمگىكى بىلەن ياشىماق.
ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرمەك؛ ئۆز كۈچىگە تايانماق.
ئۆزگەرمەس قانۇن؛ ئۆزگەرمەس ئەقىدە.
ئۆزگەرمەس؛ قېتىپ قالغان؛ قاتماللىق؛ بىر قېلىپقا كىرىۋالماق.
ئۆزگەرمەس ھۆكۈم؛ قىل سىغمايدىغان پىكىر.
ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يازماق؛ باشقىچە قۇراشتۇرماق.
ئۆزگىچىلىك ياراتماق؛ ئۆزىگە خاس ئۇسۇل(ئۇسلۇب) ياراتماق؛ باشقىچە يول تۇتماق.