ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۆرۈلۈپمۇ-چۆرۈلۈپمۇ؛ ئەزمىلىك قىلماق؛ ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق قىلماق.
ئۆز ئادىغا ئەدەبىي ئۇسلۇب ياراتماق.
ئۆز ئادىغا بايراق تىكلىمەك؛ ئايرىلىپ چىقماق؛ بۆلۈنۈپ چىقماق.
ئۆز ئارا مەسلىھەت ئېلىشماق؛ بىللە ئىزدەنمەك؛ بىللە مۇھاكىمە قىلماق.
ئۆز ئارا ئۆتنە-يېرىم قىلىشماق؛ بىر بىرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشماق.
ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلىمەك؛ باشقىچە بىر ئېقىم ياراتماق.
ئۆز ئايغى بىلەن قاپقانغا چۈشمەك.
ئۆز ئەتراپىغا ئادەم توپلىماق؛ كۈچ توپلىماق؛ ئۆز سېپىنى كېڭەيتمەك.
ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمەك؛ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىمەك؛ باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلماق.
ئۆز ئەيىبىنى تونۇپ، ئۆزگىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىماق.
ئۆز بېشىغا چىقماق؛ ئۆز بېشىنى ئۆزى يىمەك؛ ئۆزىگە ئۆزى بالا تېپىۋالماق.
ئۆز بېشىمچىلىق قىلماق؛ باشباشتاقلىق قىلماق.
ئۆز بېشىمچىلىق قىلماق؛ خالىغىنىچە ئىش قىلماق.
ئۆز بېشىنى ئۆزى يىمەك؛ ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە دۇچار قىلماق؛ ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلماق.
ئۆز بىشىمچىلىق قىلماق؛ ئۆزى بىلگىنىنى قىلماق؛ ئۆزى بىلگەن يولنى تۇتماق.
ئۆز پايدا-زىيىنىنىڭلا غېمىنى يېمەك.
ئۆز پەيتىدە كەسكىن تەدبىر قوللانماق؛ دەرھال قەتئىي قارارغا كەلمەك.
ئۆز پۇت-قۇلىنى ئۆزى چۈشەپ قويماق؛ ئۆزىنى-ئۆزى بەنت قىلىپ قويماق.
ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كەلمەك؛ ئۆلۈك ھالدا ئىشلەتمەك؛ ئۈلۈك ھالدا قۇبۇل قىلماق؛ قانداق بولسا شۇ پېتىچىلا قوللانماق.