ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئۇۋال ۋە خارلىقتا قالماق.
ئۇۋىسى بۇزۇلغان قۇشتەك؛ جان-جانىۋارلاردەك پىتىراپ كەتمەك؛ پاتپاراق بولۇپ كەتمەك؛ تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كەتمەك.
ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىدەك ئېتىلىپ چىقماق؛ ھەممىسى ئۇۋىسىدىن چىقماق؛ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالماق.
ئۇ ئىچكۈسى يوق ئېشەكنى ئېرىققا ئېگىشتۈرگىلى بولماس.
ئۇ ياق-بۇ ياققا قارىماق.
ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرماق؛ بېرىپ-كېلىپ تۇرماق.
ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلمەك؛ ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا ئۆرۈلمەك . قايتا-قايتا؛ تەكرار-تەكرار؛ يېنىشلاپ-يېنىشلاپ.
ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماسلىق.
ئۇيان-بۇيان شاپاشلاپ يۈرمەك؛ ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرمەك.
ئۇ يەر-بۇ يەردىن ئۈزىۋېلىپ نەقىل كەلتۈرمەك.
ئۇ يەرنى ياپسا بۇ يەر ئېچىلىپ قالماق؛ تېزىنى باسسا مېزى چىقىپ قالماق؛ مۈشكۈل ئەھۋالدا قالماق.
ئۇيقۇ ساز بولسا كېسەل ئاز بولۇر.
ئۇيقۇسى جايىدا بولماسلىق؛ قاتتىق تەشۋىشلەنمەك
ئۇيقۇ ۋە تاماقنىمۇ ئۇنتۇماق؛ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا.
ئۇيقىدىن ئەمدىلا ئويغانغاندەك.
ئۇيۇل تاشتەك چىڭ (مەزمۇت)؛ ئۇيۇل تاشتەك.
ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم؛ ئۇيۇل تاشتەك چىڭ.
ئۆتكەنكىنى كېيىنكىگە ئىبرەت قىل؛ ئۆتكەنكىنى ئۇنتۇماي، كېيىنكىگە ساۋاق قىلماق.
ئۆتكەنگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە يول ئاچماق.
ئۆتكەننى ئەينەك قىلىپ كېيىنكىنى كۆرمەك؛ ئۆتكەنكى ئىشلارغا قاراپ كەلگۈسىنى پەملىمەك.