ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئېقى ئاق، قارىسى قارا؛ ئاق-قارىنى ئېنىق ئايرىماق؛ ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئەتمەك.
ئېقى ئاق، كۆكى كۆك؛ پەرقى ئېنىق بولماق.
ئېقىمغا زىت ئىش تۇتماق؛ تەتۈرلۈك قىلماق؛ ئەكسىچە يول ماڭماق.
ئېقىمنى بويلاپ مەنبەنى تاپماق؛ يىپ ئۇچى بويىچە ئىزدەپ تېگىنى تاپماق.
ئېقىن سۇ پۇرىمايدۇ، پۇرىغا سۇ ئاقمايدۇ.
ئېقىن سۇدەك؛ ئايىغى ئۈزۈلمەي؛ كەينى كەينىدىن.
ئېقىن سۇ سېسىمايدۇ، ئىشىك ئۈلگۈچىكى چىرىمەيدۇ.
ئېگىز پەدىگە جور چىقماس.
ئېگىز تاغ باھار شامىلىنى توسىيالمايدۇ، قارا بۇلۇت قۇياش نۇرىنى (توسىيالمايدۇ).
ئېگىز تاغ-تىك داۋان.
ئېگىز تاغلارغا تەلپۈنمەك. يۈكسەك ئىرادىلىك ئۇلۇغ زاتلار بولۇشقا ئىنتىلمەك.
ئېگىزدە تۇرساڭ يىراقنى كۆرەلەيسەن.
ئېگىزدە تۇرۇپ پەسكە قارىماق؛ ئەپلىك ئورۇندا تۇرماق.
ئېگىزدە تۇرۇپ چاقىرىق قىلماق.
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرمەك؛ يىراقنى كۆرمەك؛ يىراقنى كۆرەرلىك.
ئېگىز شاخقا ئېسىلماق؛ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالماق.
ئېگىزگە چىقىپ يىراققا نەزەرسالماق. دائىرسى كەڭ.
ئېگىزگە ياماشقان قاتتىق يىقىلىدۇ.
ئېگىز ئۆسكەن مايسىغا ئاۋۋال ئۈششۈك تېگىپتۇ.
ئېگىلمەس-سۇنماس؛ تىز پۈكمەسلىق؛ باش ئەگمەسلىك.