ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئېسىلىۋالغۇدەك نۇقسان بولماسلىق؛ تىل تەككۈزگۈدەك يېرى بولماسلىق.
ئېشەك ئالدىغا چۈشۈۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىش بۇزۇلار.
ئېشەك تەخىيىگە ئېشەكلىكتىن باشقىنى ئۆگەتمەس
ئېشەك سەت كۆرۈنسە، توقۇممۇ سەت كۆرۈنۈپتۇ.
ئېشەككە ياسىداق ئېگەر توقۇساڭمۇ، بەرىبىر ئاتنىڭ ئورنىنى ئالالماس.
ئېشەكمۇ بىر قېتىم مۈدۈرگەن يەرگە ئىككىنچى دەسسىمەيدۇ.
ئېشەك ھاڭراپ، ئىت قاۋىغاندەك؛ ئالتاغىل توۋلىماق (قاملاشمىغان ماقالىغىمۇ تەمسىل قىلىنىدۇ).
ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، قېلىشمايدۇ؛ ئېشىپ كەتسە كېتىدۇكى، كەم قالمايدۇ.
ئېشىكىڭنى سۆرەمگە سالساڭ، ئۆكۈزۈڭ پاشىغا يەم بولۇر.
ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تېنچ.
ئېغىر ئازاپ-ئوقۇبەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كەتمەك؛ ھايىنىغا قالغان جان.
ئېغىر-بېسىقلىق؛ تەمكىنلىك.
ئېغىر-بېسىقلىق؛ سوغۇق قانلىق؛ تەمكىنلىك.
ئېغىر جاراھەت-قاتتىق كۈلپەت؛ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىماق.
ئېغىرچىلىققا بەرداشلىق بەرمەك؛ ھاقارەتكە سەۋر قىلماق.
ئېغىر كۆرمەي؛ جاپا-مۇشەققەتتىن باش تارتماسلىق.
ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان دوست.
ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولماق؛ باشقا كۈن چۈشكەندە بىللە بولماق.
ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولماق؛ بوران-چاپقۇندا بىللە بولماق.