ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئېتىزنىڭ ئىشى قاتتىق، ئېشى تاتلىق.
ئېتىڭنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە.
ئېچىلپ-يېيىلىپ يۈرمەك؛ ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي بەھۇزۇر يۈرمەك.
ئېچىلىپ-يېيىلىپ بولۇشىغا ئىچمەك.
ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەشمەك؛ قىزىق پاراڭلاشماق؛ قىزىق گەپلەرنى قىلىشماق
ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلىمەك؛ كۆڭۈلدە نىمە بولسا شۇنى دېمەك؛ كەڭ-كۇشادە سۆزلىمەك؛ بەھۇزۇر سۆزلىمەك.
ئېچىلىپ-يېيىلىپ كەتمەك؛ يايراپ كەتمەك؛ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك؛ خۇشاللىقتىن تېرىسىگە پاتماي قالماق.
ئېختىساسلىق كىشىلەر تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقماق. تالانتلىقلار كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىقماق.
ئېرىشىپلا يەنە يوقاتماق؛ ئېرىشكەن نەرسىنى قولدىن بېرىپ قويماق.
ئېرىققا كېمە سالغىلى بولماس.
ئېرىقىڭ سۇغا تولسا، ئامبىرىڭ ئاشقا تولۇر.
ئېرىنمەي ئۆگەتمەك؛ زېرىكمەي ئۆگەتمەك؛ ھارماي-تالماي تەربىيە بەرمەك.
ئېزىتقۇ؛ ئالۋۇن؛ سەراپ. غايىبانە مەنزىرە.
ئېزىتقۇ؛ جىن-شەيتان. بىدئەتلىك تەلىمات. ناتوغرا يول؛ قىڭغىر يول؛ يامان يول؛
ئېسىل ئادەم ئېغىز يۈگۈرتەر، چاكىنا ئادەم قول (يۈگۈرتەر).
ئېسىل پەزىلەت كۆپ ساۋاپتىن كېلىدۇ.
(ئېسىل-چىرايلىق گۈل-چېچەكلەر، ئېسىلزادىلەر (خان-پادىشاھلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ)
ئېسىلزادىلەر ئۇنتۇغاق كېلىدۇ.