ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالماق.
ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق.
ئېغىر يۈك بولۇپ قالماق؛ يەلكىدىكى يۈك ئېغىر بولماق.
ئېغىز ئاچقۇزماسلىق؛ قۇشۇق سالدۇرماسلىق؛ باشقىلارنىڭ گەپ قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك.
ئېغىز ئاشقا تەككەندە، بۇرۇن تاشقا تەگمەك؛ ئىش ۋۇجۇتقا چىقىدىغان چاغدا پىشكەللىككە ئۇچرىماق.
.ئېغىزچە ئېيتقان گەپ ئىسپات بولالماس،
ئېغىزدا سۆزلەپ، ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىپ تەربىيە بەرمەك.
ئېغىزدا ئېلىم-سېتىم قىلماق؛ قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقارماق.
ئېغىزدىن چىققان گەپنى قايتۇرۇۋالغىلى بولماس.
ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق.
ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق؛ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئانچىكىم.
ئېغىزلىرىنى بېسىۋالسىلا.
ئېغىزنى ئىشقا سالغاندىن كۆرە، قولنى ئىشقا سالغان ياخشى.
ئېغىز ئۇپراتماق؛ دەيدىغىنىنى دەپ بولماق.
ئېغىزىدا بار، ئەمەلدە يۇق؛ قۇرۇق ئەمچەك سالماق؛ بۆكىگە جىگدە سالماق.
ئېغىزىدىن قېچىپ، بېنىكىگە يۈگۈرمەك؛ قىيىندىن قېچىپ ئاسىنىغا ئېسىلماق.
ئېغىزىنىڭ ئۇچچىدىلا؛ سىيلاپ-سىيپاپ؛ چالا-بۇلا؛ ئانچە-مۇنچە.
ئېغىز يېسە يۈز ئۇيىتىپتۇ.
ئېغىز يېسە، يۈز ئۇيىتىپتۇ؛ يىگەننىڭ تىلى قىسقا.
ئېغىشماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرماق.