ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئىككى باشنى قوشماق؛ ئارىدا رىشتە باغلىماق؛ تېپىشتۇرۇپ قويماق؛ ۋاستىچىلىق قىلماق.
ئىككى بىسلىق؛ ئىككى يۈزلىمىلىك.
ئىككى جەھەتتىن تەڭ تۇتۇش قىلماق؛ ئىككى تەرەپتىن بىردە قول سالماق.
ئىككىدىن-ئۈچتىن توپ بولماق؛ توپ-توپ بولماق. شالاڭ.
ئىككى قوشقار ئۈسۈشكەندە، بۆرىنىڭ قۇرسىقى ئاچىدۇ.
ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىگە سۇغا غەرق بولۇر.
ئىككى قېيىققا دەسسىگە سۇغا غەرق بولۇر.
ئىككى قىلىچ بىر قىنغا سىغماس.
ئىككى كالا بىر قازاندا قاينىماس.
ئىككى كاللا بىر قازاندا قاينىماس.
ئىككى كېمىگە دەسسىمەك؛ ھەردەم خىيالدا بولماق؛ مەۋقەسىزلىك قىلماق.
ئىككىلا تەرەپ تەڭ مەنپەئەتدار بولماق؛ زىخمۇ كۆيمىسۇن، كاۋاپمۇ؛ ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ياخشى.
ئىككىلىنىپ ئالغا باسالماسلىق؛ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالماق.
ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالماق؛ دىلغۇل بولۇپ تۇرۇپ قالماق؛ ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالماق.
ئىككىلىنىپ قالماق؛ ئارىسالدى بولماق؛ ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەسلىك.
ئىككىنچى ئۇنداق قىلماسلىق؛ يەنە تەكرارلانماسلىق؛ پەندىيات قىلماق.
ئىككى ئوتتۇرىدا بىكار پايپاسلاپ يۈرمەك؛ بىكار ئاۋارە بولماق.
ئىككى ئۆينىڭ قۇغۇنلۇقى بىر ئۆيگە ئاش بولار.