ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يوق يەردىن پۇتاق چىقارماق؛ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەك؛ چاتاقچىلىق قىلماق.
يوق يەردىن پۇتاق چىقارماق؛ ئويدۇرۇپ چىقارماق؛ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەك.
يوق يەردىن چاتاق چىقماق؛ ئۇشتۇمتۇت ۋەقە تۇغۇلماق.
يوق يەردىن ئىش تېرىماق؛ يوق يەردىن چاتاق چىقارماق؛ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەك؛ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا ۋەقە تۇغدۇرماق.
يول ئاچقۇچى پىر؛ ئاساس سالغۇچى؛
يول ئازابى تارتماق؛ يول ئازابى-گۆر ئازابى.
يول باشقا، مەنزىل باشقا؛ ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا.
يولداشلارغا باھاردەك ئىللىق بول. دۈشمەنگە زېمىستان قىشتەك سوغۇق بول.
يولدا ياتقان نەرسىگە قاراپمۇ قويماسلىق؛ يولدا ئۇچرىغان نەرسىنى ئېلىۋالماسلىق؛ باشقىلارنىڭ ھەققىگە كۆز قىرىنى سالماسلىق.
يولدىن چىققانلىق؛ قائىدە-يۇسۇننى بۇزغانلىق؛ مۇرتەدلىك.
يولدىن چىقما، خاندىن قورقما.
يولدىن چىقماق؛ ئادەمگەرچىلىكنى يوقاتماق؛ ئىنسانىي قائىدە-يوسۇنلارنى بۇزماق؛ قەبىھلىك.
يولدىن چىقماق؛ مۇرتەتلىك قىلماق.
يول سوراشتىن ئېرىنگەن يولدىن ئازار.
يول سورىغان يولدىن ئازماس.
يولسىز تاكاللاشماق؛ ئورۇنسىز گەپ تالاشماق؛ مەمەدانلىق قىلماق.
يولسىزلىق قىلماق؛ ئۆكتەملىك قىلماق؛ مۇتتەھەملىك قىلماق.
يولسىزلىق؛ مۇتتەھەملىك؛ ئۆكتەملىك.
يولسىزنىڭ تىلى تۇتۇق.
يولسىزنىڭ تىلى قىسقا.